Nothing Special   »   [go: up one dir, main page]

Jump to content

مۈشۈكئېيىق

ئورنى Wikipedia
مۈشۈكئېيىق

مۈشۈكئېيىق ئېلىمىزدە ياشايدىكەن ئۆزگىچە ئەتىۋارلىق ھايۋان، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئۇ پەقەت ئېلىمىزنىڭ سىچۇەن، گەنسۇ، شەنشى ئۆلكىلىردىكى بەزى تاغلىق رايونلاردا ياشايدۇ. ئۇنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقان، «دۆلەت گۆھىرى» دەپ نام بېرىلگەن.

سىرتقى شەكىلى

[تەھرىرلەش]

مۈشۈكئېيىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى1.5 -1.8 مېتىر، ئېغىرلىقى 100 كىلوگرامدىن ئارتۇق بولۇپ، بېشى يۇمىلاق، قۇلىقى كىچىك، پۇت-قوللىرى توم، قۇيرۇقى ناھايىتى قىسقا كېلىدۇ. مۈرە، پۇت-قول، بۇرۇن ۋە قۇلىقى قارا بولغاندىن سىرت قالغان يەرلىرى ئاق رەڭلىك بولىدۇ، كۆزلىرى قارا چوڭ، كۆزىنىڭ ئەتراپى بولسا قارا ھالقىسىمان شەكلىدە. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئوماق بولۇپلا قالماي، ھەرىكىتىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.

ياشاش قانۇنىيىتى

[تەھرىرلەش]

مۈشۈكئېيىقنى ياخشى بېقىش ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئىنچىكە خىزمەت. شۇنىڭدا ئالدى بىلەن مۈشۈكئېيىقنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۇرمۇش ئادىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىگىلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقق كۆرستىپ، سۈنئىي بېقىش شارائىتى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ياشاش ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىقا، يېمەكلىك، يېتىپ-قوپۇش شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇپ، ساغلام ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

مۈشۈكئېيىقنىڭ ئەۋلادى گۆشخور ھايۋان بولسىمۇ، لېكىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇ ئوت-چۆپ يېيىشكە ئامراق بولۇپ قالغان. بامبۇك ئۇنىڭ يېمەكلىكلىرىنىڭ 99 پىرسەنتىنى ئىگلەيدۇ. ئۇ جۇڭگو بامبۇكىغا ئالاھىدە ئامراق. جۇڭگو بامبۇكى قەرەرللىك چېچەكلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچەكلىگەندىن كېيىن قۇرۇپ قالىدۇ. يېڭى نوتىلار 20-30 يىلدا ئاران چوڭ بولىدۇ. ئەگەر مۈشۈكئېيىق تۇرۇۋاتقان جايدىكى جۇڭگو بامبۇكى چېچەكلەپ قالسا، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇقى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدۇ-دە، ھاياتى خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ.

بەلگە

[تەھرىرلەش]

جايلاشماق

[تەھرىرلەش]

ئادەت

[تەھرىرلەش]

ئاۋۇماق

[تەھرىرلەش]

قونالغۇ

[تەھرىرلەش]

ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى

[تەھرىرلەش]

كەنجى تۈر

[تەھرىرلەش]

قارالسۇن

[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلاش

[تەھرىرلەش]